# ug/saleh.xml.gz
# zh/jian.xml.gz


(src)="s1.1"> ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
(trg)="s1.1"> 奉至仁至慈的真主之名

(src)="s1.2"> جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر
(trg)="s1.2"> 一切赞颂全归真主 , 众世界 的主 ,

(src)="s1.3"> اﷲ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر
(trg)="s1.3"> 至仁至慈的主 ,

(src)="s1.4"> قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر
(trg)="s1.4"> 报应日的主 ,

(src)="s1.5"> ( رەببىمىز ) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز
(trg)="s1.5"> 我们只崇拜你 , 只求你祐助

(src)="s1.6"> بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن
(trg)="s1.6"> 求你引领我们正路 ,

(src)="s1.7"> غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا ( باشلىغىن )
(trg)="s1.7"> 你所祐助者的路 , 不是受谴怒者的路 , 也不是迷误者的路 。

(src)="s2.1"> ئەلىف ، لام ، مىم
(trg)="s2.1"> 艾列弗 , 俩目 , 米目 。

(src)="s2.2"> بۇ كىتابتا ( يەنى قۇرئاندا ) ھېچ شەك يوق ، ( ئۇ ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر
(trg)="s2.2"> 这部经 , 其中毫无可疑 , 是敬畏者的向导 。

(src)="s2.3"> ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ ، نامازنى ئادا قىلىدۇ ، ئۇلار بىز بەرگەن مال - مۈلۈكتىن ( خۇدا يولىغا ) سەرپ قىلىدۇ
(trg)="s2.3"> 他们确信幽玄 , 谨守拜功 , 并分舍我所给与他们的 。

(src)="s2.4"> ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ، سەندىن ئىلگىرىكى ( پەيغەمبەرلەرگە ) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ
(trg)="s2.4"> 他们确信降示你的经典 , 和在你以前降示的经典 , 并且笃信後世 。

(src)="s2.5"> ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر ، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
(trg)="s2.5"> 这等人 , 是遵守他们的主的正道的 ; 这等人 , 确是成功的 。

(src)="s2.6"> شۈبھىسىزكى ، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن ، ئاگاھلاندۇرمامسەن ، بەرىبىر ، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ
(trg)="s2.6"> 不信道者 , 你对他们加以警告与否 , 这在他们是一样的 , 他们毕竟不信道 。

(src)="s2.7"> اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ( ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ ) ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن ( ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ ) ، ئۇلار ( ئاخىرەتتە ) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(trg)="s2.7"> 真主已封闭他们的心和耳 , 他们的眼上有翳膜 ; 他们将受重大的刑罚 。

(src)="s2.8"> كىشىلەر ئارىسىدا اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار ، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ ( يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن ، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ )
(trg)="s2.8"> 有些人说 : 我们已信真主和末日了 。 其实 , 他们绝不是信士 。

(src)="s2.9"> ئۇلار اﷲ نى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ
(trg)="s2.9"> 他们想欺瞒真主和信士 , 其实 , 他们只是自欺 , 却不觉悟 。

(src)="s2.10"> ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل ( يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش ) بار ، اﷲ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى ؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى ( يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(trg)="s2.10"> 他们的心里有病 , 故真主增加他们的心病 ; 他们将为说谎而遭受重大的刑罚 。

(src)="s2.11"> ئۇلارغا : « يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار » دېيىلسە ، « بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز » دەيدۇ
(trg)="s2.11"> 有人对他们说 : 你们不要在地方上作恶 。 他们就说 : 我们只是调解的人 。

(src)="s2.12"> بىلىڭلاركى ، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر ، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ
(trg)="s2.12"> 真的 , 他们确是作恶者 , 但他们不觉悟 。

(src)="s2.13"> ئۇلارغا ( يەنى مۇناپىقلارغا ) : « ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك ( يەنى ساھابىلەردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ) ئىمان ئېيتىڭلار » دېيىلسە ، « بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق ؟ » دەيدۇ . بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر ، لېكىن ( بۇنى ) ئۇلار تۇيمايدۇ
(trg)="s2.13"> 有人对他们说 : 你们应当象众人那样信道 。 他们就说 : 我们能象愚人那样轻信吗 ? 真的 , 他们确是愚人 , 但他们不知道 。

(src)="s2.14"> ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا : « بىز ئىمان ئېيتتۇق » دېيىشىدۇ ، شاياتۇنلىرى ( يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى ) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا « بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز ، پەقەت ( تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز » دەيدۇ
(trg)="s2.14"> 他们遇见信士们就说 : 我们已信道了 。 他们回去见了自己的恶魔 , 就说 : 我们确是你们的同党 , 我们不过是愚弄他们罢了 。

(src)="s2.15"> مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جازالايدۇ ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى ، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ
(trg)="s2.15"> 真主将用他们的愚弄还报他们 , 将任随他们彷徨於悖逆之中 。

(src)="s2.16"> ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ گۇمراھلىقنى ئالدى . شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى ، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى
(trg)="s2.16"> 这等人 , 以正道换取迷误 , 所以他们的交易并未获利 , 他们不是遵循正道的 。

(src)="s2.17"> ئۇلار گوياكى ( كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن ) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ، اﷲ ئۇلارنىڭ ( ئوتىنىڭ ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى ، ئۇلارنى ( ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى ) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى
(trg)="s2.17"> 他们譬如燃火的人 , 当火光照亮了他们的四周的时候 , 真主把他们的火光拿去 , 让他们在重重的黑暗中 , 甚麽也看不见 。

(src)="s2.18"> ئۇلار گاستۇر ( يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك ، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ ) ، گاچىدۇر ( يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك ، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ ) ، كوردۇر ( يەنى كور بولۇپ قالغاندەك ، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ ) ، شۇڭا ئۇلار ( گۇمراھلىقتىن ) قايتمايدۇ
(trg)="s2.18"> ( 他们 ) 是聋的 , 是哑的 , 是瞎的 , 所以他们执迷不悟 。

(src)="s2.19"> ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك ، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان ، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ ، قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ . اﷲ كاپىرلارنى ( يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
(trg)="s2.19"> 或者如遭遇倾盆大雨者 , 雨里有重重黑暗 , 又有雷和电 , 他们恐怕震死 , 故用手指塞住耳朵 , 以避疾雷 。 真主是周知不信道的人们的 。

(src)="s2.20"> چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ . ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ ؛ قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ ، اﷲ خالىسا ئىدى ، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى . اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
(trg)="s2.20"> . 电光几乎夺了他们的视觉 , 每逢电光为他们而照耀的时候 , 他们在电光中前进 ; 黑暗的时候 , 他们就站住 。 假如真主意欲 , 他必褫夺他们的听觉和视觉 。 真主对於万事确是全能的 。

(src)="s2.21"> ئى ئىنسانلار ! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار ( يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر ) نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار
(trg)="s2.21"> 众人啊 ! 你们的主 , 创造了你们 , 和你们以前的人 , 你们当崇拜他 , 以便你们敬畏 。

(src)="s2.22"> اﷲ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا ( يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش ) قىلىپ بەردى ، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى ، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى . ئەمدى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرمەڭلار ، ھالبۇكى ، سىلەر ( اﷲ نىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى ) بىلىپ تۇرىسىلەر
(trg)="s2.22"> 他以大地为你们的席 , 以天空为你们的幕 , 并且从云中降下雨水 , 而借雨水生许多果实 , 做你们的给养 , 所以你们不要明知故犯地给真主树立匹敌 。

(src)="s2.23"> بەندىمىز ( مۇھەممەد ) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار ( قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا ) اﷲ تىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ( ياردەمگە ) چاقىرىڭلار ، ( قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا ) راستچىل بولساڭلار
(trg)="s2.23"> 如果你们怀疑我所降示给我的仆人的经典 , 那末 , 你们试拟作一章 , 并舍真主而祈祷你们的见证 , 如果你们是诚实的 。

(src)="s2.24"> ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان ، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار
(trg)="s2.24"> 如果你们不能作 ─ ─ 你们绝不能作 ─ ─ 那末 , 你们当防备火狱 , 那是用人和石做燃料的 , 已为不信道的人们预备好了 。

(src)="s2.25"> ( ئى مۇھەممەد ! ) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن . ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا : « بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن ( دۇنيادىمۇ ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق » دەيدۇ . ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان ، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ . جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر ( يەنى ھۆرلەر ) بېرىلىدۇ ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ
(trg)="s2.25"> 你当向信道而行善的人报喜 ; 他们将享有许多下临诸河的乐园 , 每当他们得以园里的一种水果为给养的时候 , 他们都说 : 这是我们以前所受赐的 。 其实 , 他们所受赐的是类似的 。 他们在乐园里将享有纯洁的配偶 , 他们将永居其中 。

(src)="s2.26"> اﷲ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ ، مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ ؛ كاپىرلار بولسا : « اﷲ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ ؟ » دەيدۇ . اﷲ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ( ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ( ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن ) ھىدايەت قىلىدۇ ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ
(trg)="s2.26"> 真主的确不嫌以蚊子或更小的事物设任何譬喻 ; 信道者 , 都知道那是从他们的主降示的真理 ; 不信道者 , 却说 : 真主设这个譬喻的宗旨是甚麽 ? 他以譬喻使许多人入迷途 , 也以譬喻使许多人上正路 ; 但除悖逆者外 , 他不以譬喻使人入迷途 。

(src)="s2.27"> پاسىقلار اﷲ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ . اﷲ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ ( يەنى سىلە - رەھىم قىلمايدۇ ) ، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
(trg)="s2.27"> 他们与真主缔约之後 , 并断绝真主命人联络的 , 且在地方上作恶 ; 这等人 , 确是亏折的 。

(src)="s2.28"> اﷲ نى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى ، جانسىز ئىدىڭلار ، سىلەرگە جان بەردى ( يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا ، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنىي ئىدىڭلار ) ، كېيىن ( ئەجىلىڭلار توشقاندا ) اﷲ جېنىڭلارنى ئالىدۇ ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ ، ئاندىن كېيىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا ( ھېساب بېرىش ئۈچۈن ) قايتۇرۇلىسىلەر
(trg)="s2.28"> 你们怎麽不信真主呢 ? 你们原是死的 , 而他以生命赋予你们 , 然後使你们死亡 , 然後使你们复活 ; 然後你们要被召归於他 。

(src)="s2.29"> اﷲ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ( نىڭ پايدىلىنىشىڭلار ) ئۈچۈن ياراتتى ، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى . اﷲ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر
(trg)="s2.29"> 他已为你们创造了大地上的一切事物 , 复经营诸天 , 完成了七层天 。 他对於万物是全知的 。

(src)="s2.30"> ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە : « مەن يەر يۈزىدە خەلىپە ( يەنى ئورۇنباسار ) يارىتىمەن » دېدى . پەرىشتىلەر : « يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ، قان تۆكىدىغان ( شەخسنى ) خەلىپە قىلامسەن ؟ ھالبۇكى بىز سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز ، مۇقەددەس دەپ مەدھىيىلەيمىز » دېدى . اﷲ : « مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن » دېدى
(trg)="s2.30"> 当时 , 你的主对众天神说 : 我必定在大地上设置一个代理人 。 他们说 : 我们赞你超绝 , 我们赞你清净 , 你还要在大地上设置作恶和流血者吗 ? 他说 : 我知道你们所不知道的 。

(src)="s2.31"> اﷲ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى ، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ : « ( خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا ) راستچىل بولساڭلار ، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار » دېدى
(trg)="s2.31"> 他将万物的名称 , 都教授阿丹 , 然後以万物昭示众天神 , 说 : 你们把这些事物的名称告诉我吧 , 如果你们是诚实的 。

(src)="s2.32"> پەرىشتىلەر : « سېنى ( پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن ) پاك دەپ تونۇيمىز . بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز ، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن » دېدى
(trg)="s2.32"> 他们说 : 赞你超绝 , 除了你所教授我们的知识外 , 我们毫无知识 , 你确是全知的 , 确是至睿的 。

(src)="s2.33"> اﷲ : « ئى ئادەم ! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن » دېدى . ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا ، اﷲ : « مەن سىلەرگە ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن ، دېمىگەنمىدىم » دېدى
(trg)="s2.33"> 他说 : 阿丹啊 ! 你把这些事物的名称告诉他们吧 。 当他把那些事物的名称告诉他们的时候 , 真主说 : 难道我没有对你们说过吗 ? 我的确知道天地的幽玄 , 我的确知道你们所表白的 , 和你们所隐讳的 。

(src)="s2.34"> ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە : « ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار » دېدۇق ، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى ، ئىبلىس ( سەجدە قىلىشتىن ) باش تارتتى ، تەكەببۇرلۇق قىلدى ، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى
(trg)="s2.34"> 当时 , 我对众天神说 : 你们向阿丹叩头吧 ! 他们就叩头 , 惟有易卜劣厮不肯 , 他自大 , 他原是不信道的 。

(src)="s2.35"> بىز ( ئادەمگە ) : « ئى ئادەم ! سەن خوتۇنۇڭ ( يەنى ھەۋۋا ) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار ! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار ، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار ( يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار ) ، بولمىسا ( ئۆزۈڭلارغا ) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر » دېدۇق
(trg)="s2.35"> 我说 : 阿丹啊 ! 你和你的妻子同住乐园吧 ! 你们俩可以任意吃园里所有丰富的食物 , 你们俩不要临近这棵树 ; 否则 , 就要变成不义的人 。

(src)="s2.36"> شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى ( يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى ) ، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى . ( ئادەمگە ، ھەۋۋاغا ، ئىبلىسقا ) « بىر - بېرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا ( جەننەتتىن يەر يۈزىگە ) چۈشۈڭلار ، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق ( ئەجىلىڭلار توشقۇچە ) يەرلىشىڭلار ۋە ( نېمەتلەردىن ) بەھرىمەن بولۇڭلار » دېدۇق
(trg)="s2.36"> 然後 , 恶魔使他们俩为那棵树而犯罪 , 遂将他们俩人从所居的乐园中诱出 。 我说 : 你们互相仇视下去吧 。 大地上有你们暂时的住处和享受 。

(src)="s2.37"> ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى ( يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى ) ، اﷲ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى . اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر ( بەندىلىرىگە ) ناھايىتى مېھرىباندۇر
(trg)="s2.37"> 然後 , 阿丹奉到从主降示的几件诫命 , 主就恕宥了他 。 主确是至宥的 , 确是至慈的 。

(src)="s2.38"> ( ئۇلارغا ) « ھەممىڭلار بۇ يەردىن چۈشۈڭلار ، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى ( يەنى پەيغەمبەر ) كېلىدۇ ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە ( ئاخىرەتتە ) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ » دېدۇق
(trg)="s2.38"> 我说 : 你们都从这里下去吧 ! 我的引导如果到达你们 , 那末 , 谁遵守我的引导 , 谁在将来没有恐惧 , 也不愁 。

(src)="s2.39"> كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
(trg)="s2.39"> 不信道而且否认我的迹象的人 , 是火狱的居民 , 他们将永居其中 。

(src)="s2.40"> ئى ئسرائىل ئەۋلادى ! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار ، ماڭا بەرگەن ( ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى ) ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار ، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ( ساۋاب بېرىش ھەققىدىكى ) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن ، مەندىنلا قورقۇڭلار
(trg)="s2.40"> 以色列的後裔啊 ! 你们当铭记我所赐你们的恩惠 , 你们当履行对我的约言 , 我就履行对你们的约言 ; 你们应当只畏惧我 。

(src)="s2.41"> مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار ، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار ، ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار ، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار
(trg)="s2.41"> 你们当信我所降示的 , 这能证实你们所有的经典 , 你们不要做首先不信的人 , 不要以廉价出卖我的迹象 , 你们应当只敬畏我 。

(src)="s2.42"> ھەقنى باتىلغا ( يەنى اﷲ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئۆزۈڭلار ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىگە ) ئارىلاشتۇرماڭلار ، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار
(trg)="s2.42"> 你们不要明知故犯地以伪乱真 , 隐讳真理 。

(src)="s2.43"> نامازنى ئادا قىلىڭلار ، زاكاتنى بېرىڭلار ، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار
(trg)="s2.43"> 你们当谨守拜功 , 完纳天课 , 与鞠躬者同齐鞠躬 。

(src)="s2.44"> كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر ؟ ھالبۇكى ، سىلەر كىتاب ( يەنى تەۋرات ) نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر ، چۈشەنمەمسىلەر
(trg)="s2.44"> 你们是读经的人 , 怎麽劝人为善 , 而忘却自身呢 ? 难道你们不了解吗 ?

(src)="s2.45"> سەۋر قىلىش ، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ( اﷲ تىن ) ياردەم تىلەڭلار . ناماز اﷲ تىن قورققۇچىلار ( يەنى كەمتەرلىك بىلەن اﷲ قا بويسۇنغۇچىلار ) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر
(trg)="s2.45"> 你们当借坚忍和礼拜而求佑助 。 礼拜确是一件难事 , 但对恭敬的人却不难 。

(src)="s2.46"> اﷲ تىن قورققۇچىلار پەرۋەردىگارىغا چوقۇم مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ۋە اﷲ نىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدۇ
(trg)="s2.46"> 他们确信自己必定见主 , 必定归主 。

(src)="s2.47"> ئى ئىسرائىل ئەۋلادى ! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى ( بىر زامانلاردا ) تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار
(trg)="s2.47"> 以色列的後裔啊 ! 你们当铭记我所赐你们的恩典 , 并铭记我曾使你们超越世人 。

(src)="s2.48"> كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان ، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان ، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان ، ئۇلار ( يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر ) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار
(trg)="s2.48"> 你们当防备将来有这样的一日 : 任何人不能替任何人帮一点忙 , 任何人的说情 , 都不蒙接受 , 任何人的赎金 , 都不蒙采纳 , 他们也不获援助 。

(src)="s2.49"> ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان ، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ ، قىزلىرىڭلارنى ( ئىشقا سېلىش ئۈچۈن ) تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق . بۇ ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ( ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئاجرىتىدىغان ) چوڭ سىنىقى ئىدى
(trg)="s2.49"> 当时 , 我拯救你们脱离了法老的百姓 。 他们使你们遭受酷刑 ; 屠杀你们的儿子 , 留存你们的女子 ; 这是从你们的主降下的大难 。

(src)="s2.50"> ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق ( يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق ) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق
(trg)="s2.50"> 我为你们分开海水 , 拯救了你们 , 并溺杀了法老的百姓 , 这是你们看著的 。

(src)="s2.51"> ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە ( كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى ) ۋەدە قىلدۇق . ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ ، موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار
(trg)="s2.51"> 当时 , 我与穆萨约期四十日 , 在他离别你们之後 , 你们认犊为神 , 你们是不义的 。

(src)="s2.52"> شۇنىڭدىن كېيىن ، شۈكۈر قىلسۇن دەپ ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق
(trg)="s2.52"> 在那件事之後 , 我恕饶了你们 , 以便你们感谢 。

(src)="s2.53"> ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتابنى ( يەنى تەۋراتنى ) بەردۇق
(trg)="s2.53"> 当时 , 我以经典和证据赏赐穆萨 , 以便你们遵循正道 。

(src)="s2.54"> ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە : « ئى قەۋمىم ! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار ، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار ، موزايغا چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن » دېدى . مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر . اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى . اﷲ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر ، ناھايىتى مېھرىباندۇر
(trg)="s2.54"> 当时 , 穆萨对他的宗族说 : 我的宗族啊 ! 你们确因认犊为神而自欺 , 故你们当向造物主悔罪 , 当处死罪人 。 在真主看来 , 这对於你们确是更好的 。 他就恕宥你们 。 他确是至宥的 , 确是至慈的 。

(src)="s2.55"> ئۆز ۋاقتىدا : « ئى مۇسا ! اﷲ نى ئوپئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز » دېدىڭلار - دە ، ( سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى ) كۆرۈپ تۇرغىنىڭلار ھالدا سىلەرنى چاقماق سوقتى
(trg)="s2.55"> 当时 , 你们说 : 穆萨啊 ! 我们绝不信你 , 直到我们亲眼看见真主 。 故疾雷袭击了你们 , 这是你们看著的 。

(src)="s2.56"> ئاندىن كېيىن ، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن ، دەپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردۇق
(trg)="s2.56"> 在你们晕死之後 , 我使你们苏醒 , 以便你们感谢 。

(src)="s2.57"> سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق ، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق . ( بىز سىلەرگە ) « رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك ، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ - ئىچىڭلار » ( دېدۇق ) . ئۇلار ( نېمەتلىرىمىزگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن ) بىزگە ئەمەس ، پەقەت ئۆزلىرىگىلا زۇلۇم قىلدى
(trg)="s2.57"> 我曾使白云荫蔽你们 , 又降甘露和鹌鹑给你们 。 你们可以吃我所供给你们的佳美食物 。 他们没有损害我 , 但他们自欺 。

(src)="s2.58"> ئۆز ۋاقتىدا ( مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا ) : « بۇ شەھەرگە ( يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە ) كىرىڭلار ، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار ، ( بەيتۇلمۇقەددەس ) دەرۋازىسىدىن ( شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ، ( پەرۋەردىگارىمىز ) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز ، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز » دېدۇق
(trg)="s2.58"> 当时 , 我说 : 你们进这城市去 , 你们可以随意吃其中所有丰富的食物 。 你们应当鞠躬而进城门 , 并且说 : ` 释我重负 。 ' 我将赦宥你们的种种罪过 , 我要厚报善人 。

(src)="s2.59"> زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى ، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى ( يەنى اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ) ئۈچۈن ، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق
(trg)="s2.59"> 但不义的人改变了他们所奉的嘱言 , 故我降天灾於不义者 , 那是由於他们的犯罪 。

(src)="s2.60"> ئۆز ۋاقتىدا ، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى ، بىز ئۇنىڭغا : « ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن » دېدۇق . تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى ، ھەممە ئادەم ( يەنى قەبىلە ) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى ، ( ئۇلارغا ) « اﷲ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار » ( دېدۇق )
(trg)="s2.60"> 当时 , 穆萨替他的宗族祈水 , 我说 : 你用手杖打那磐石吧 。 十二道水泉 , 就从那磐石里涌出来 , 各部落都知道自己的饮水处 。 你们可以吃饮真主的给养 , 你们不要在地方上为非作歹 。

(src)="s2.61"> ئۆز ۋاقتىدا ( سىنا چۆلىدە تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا ) سىلەر : « ئى مۇسا ! بىز بىر خىل يېمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز ، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن ، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك ، سامساق ، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن » دېدىڭلار ، مۇسا : « سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر ؟ ( يەنى پىياز ، سامساق ، كۆكتاتنى تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىدىن ئارتۇق كۆرەمسىلەر ؟ ) بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار ، ( شۇ يەردە ) تىلىگىنىڭلار بار » دېدى . ئۇلار خارلىقتا ، موھتاجلىقتا قالدى . اﷲ نىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولدى . بۇ ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى . بۇ اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولدى
(trg)="s2.61"> 当时 , 你们说 : 穆萨啊 ! 专吃一样食物 , 我们绝不能忍受 , 所以请你替我们请求你的主 , 为我们生出大地所产的蔬菜 ─ ─ 黄瓜 、 大蒜 、 扁豆和玉葱 。 他说 : 难道你们要以较贵的换取较贱的吗 ? 你们到一座城里去吧 ! 你们必得自己所请求的食物 。 他们陷於卑贱和穷困中 , 他们应受真主的谴怒 。 这是因为他们不信真主的迹象 , 而且枉杀众先知 ; 这又是因为他们违抗主命 , 超越法度 。

(src)="s2.62"> شۈبھىسىزكى ، مۆمىنلەر ، يەھۇدىيلار ، ناسارالار ( ئارىسىدىن ) ۋە پەرىشتىلەرگە ، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن اﷲ قا ، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . ئۇلارغا ( ئاخىرەتتە ) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ يوقتۇر
(trg)="s2.62"> 信道者 、 犹太教徒 、 基督教徒 、 拜星教徒 , 凡信真主和末日 , 并且行善的 , 将来在主那里必得享受自己的报酬 , 他们将来没有恐惧 , 也不忧愁 。

(src)="s2.63"> ئۆز ۋاقتىدا ، بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان ، سىلەرگە : « ( دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن ، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن ) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ( يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار ) ، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار » ( دېگەن ئىدۇق )
(trg)="s2.63"> 当时 , 我与你们缔约 , 并将山树立在你们的上面 , 我说 : 你们当坚守我所赐你们的经典 , 并且当牢记其中的律例 , 以便你们敬畏 。

(src)="s2.64"> شۇنىڭدىن كېيىن ( بەرگەن ۋەدەڭلاردىن ) يۈز ئۆرۈدۈڭلار ، سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى ، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار
(trg)="s2.64"> 以後 , 你们背叛 。 假若没有真主赏赐你们的恩惠和慈恩 , 你们必定变成亏折者 。

(src)="s2.65"> ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى ( بېلىق تۇتماسلىق ) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى ( قانداق قىلغانلىقىمىزنى ) ، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر ، بىز ئۇلارغا : « خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار » دېدۇق
(trg)="s2.65"> 你们确已认识你们中有些人 , 在安息日超越法度 , 故我对他们说 : 你们变成卑贱的猿猴吧 。

(src)="s2.66"> ئۇنى ( يەنى ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانى ) زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت ، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلدۇق
(trg)="s2.66"> 我以这种刑罚为前人和後人的戒与敬畏者的教训 。

(src)="s2.67"> ئۆز ۋاقتىدا ، مۇسا ئۆز قەۋمىگە : « اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ » دېگەن ئىدى . ئۇلار : « بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن ؟ » دېدى . مۇسا : « جاھىللاردىن ( يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ) بولۇپ قېلىشتىن اﷲ قا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن » دېدى
(trg)="s2.67"> 当时 , 穆萨对他的宗族说 : 真主的确命令你们宰一头牛 。 他们说 : 你愚弄我们吗 ? 他说 : 我求真主保佑我 , 以免我变成愚人 。

(src)="s2.68"> ئۇلار : « بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى ، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن » دېدى . مۇسا : « اﷲ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس ، ياشمۇ ئەمەس ، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دەپ ئېيتتى ، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار » دېدى
(trg)="s2.68"> 他们说 : 请你替我们请求你的主为我们说明那头牛的情状 。 他说 : 我的主说 : 那头牛确是不老不少 , 年龄适中的 。 你们遵命而行吧 !

(src)="s2.69"> ئۇلار : « بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى ، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن » دېدى . مۇسا ئېيتتىكى ، « اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى »
(trg)="s2.69"> 他们说 : 请你替我们请求你的主为我们说明那头牛的毛色 。 他说我的主说 : 那头牛毛色纯黄 , 见者喜悦 。

(src)="s2.70"> ئۇلار : « پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن ، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن ، ( يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ ؟ ) بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى ( بۇ ئېنىق بولىدىغان بولسا ) خۇدا خالىسا ( ئۇنى ) بىز چوقۇم تاپىمىز » دېدى
(trg)="s2.70"> 他们说 : 请你替我们请求你的主为我们说明那头牛的情状 , 因为在我们看来 , 牛都是相似的 , 如果真主意欲 , 我们必获指导 。

(src)="s2.71"> مۇسا : « اﷲ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ ، ئېكىن سۇغۇرۇپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى ، بېجىرىم ، ئالىسى يوق ( يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق ) بولۇشىنى ئېيتتى » دېدى . ئۇلار : « ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ » دېدى ئۇلار ( كالىنى ) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى ، ( ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن ) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى
(trg)="s2.71"> 他说 : 我的主说 : 那头牛不是受过训练的 , 既不耕田地 , 又不转水车 , 确是全美无斑的 。 他们说 : 现在你揭示真相了 。 他们就宰了那头牛 , 但非出自愿 。

(src)="s2.72"> ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ( قاتىلنىڭ كىملىكى ) توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان ئىدىڭلار . سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى ( يەنى قاتىلنىڭ ئىشىنى ) اﷲ ئاشكارىلىغۇچىدۇر
(trg)="s2.72"> 当时 , 你们杀了一个人 , 你们互相抵赖 。 而真主是要揭穿你们所隐讳的事实的 。

(src)="s2.73"> ( سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق ) دېدۇقكى ، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار ( ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ ) ، اﷲ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق ( يەنى كۆز ئالدىڭلاردا بۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەندەك ) تىرىلدۈرىدۇ ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ
(trg)="s2.73"> 故我说 : 你们用它的一部分打他吧 ! 真主如此使死者复活 , 并以他的迹象昭示你们 , 以便你们了解 。

(src)="s2.74"> ( ئى يەھۇدىيلار جامائەسى ! ) شۇنىڭدىن كېيىن ( يەنى شانلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ) دىلىڭلار قېتىپ كەتتى ، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتتى . تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن ( سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار ، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار ؛ اﷲ تىن قورقۇپ ( تاغ چوققىلىرىدىن ) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار ( دېمەك ، تاش يۇمشايدۇ ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ ) ، اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
(trg)="s2.74"> 此後 , 你们的心变硬了 , 变得像石头一样 , 或比石头还硬 。 有些石头 , 河水从其中涌出 ; 有些石头 , 自己破裂 , 而水泉从其中流出 ; 有些石头为惧怕真主而坠落 。 真主绝不忽视你们的行为 。

(src)="s2.75"> ( ئى مۆمىنلەر جامائەسى ! دەۋىتىڭلار ئارقىلىق ) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر ؟ ھالبۇكى ، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ، اﷲ نىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن ، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ( قەستەن ) ئۆزگەرتىۋەتتى
(trg)="s2.75"> 你们还企图他们会为你们的劝化而信道吗 ? 他们当中有一派人 , 曾听到真主的言语 , 他们既了解之後 , 便明知故犯地加以篡改 。

(src)="s2.76"> ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا : « ئىمان ئېيتتۇق » دەيتتى . بىر - بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقانلىرىدا : « پەرۋەردىگارىڭلار قېشىدا مۆمىنلەر سىلەرگە قارشى پاكىت كۆرسەتسۇن دەپ اﷲ سىلەرگە بىلدۈرگەن ۋەھيىنى ( يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى ) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەمسىلەر ؟ ( بۇنى ) چۈشەنمەمسىلەر ! » دەيتتى
(trg)="s2.76"> 他们遇见信士们 , 就说 : 我们已信道了 。 他们彼此私下聚会的时候 , 他们却说 : 你们把真主所启示你们的告诉他们 , 使他们将来得在主那里据此与你们争论吗 ? 难道你们不了解吗 ?

(src)="s2.77"> يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى اﷲ نىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ ؟
(trg)="s2.77"> 难道他们不晓得真主知道他们所隐讳的 , 和他们所表白的吗 ?

(src)="s2.78"> ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى ( يەنى تەۋراتنى ) ئۇقمايدۇ ، ( ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ ، گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ
(trg)="s2.78"> 他们中有些文盲 , 不知经典 , 只知妄言 , 他们专事猜测 。

(src)="s2.79"> كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئۇنى ئاز پۇلغا سېتىش ( يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتى ) ئۈچۈن ، بۇ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي ! قولى بىلەن يازغانلىرى ( يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى ) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي ! ( بۇنىڭ بىلەن ) ئېرىشكەن ( ھارام ) نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي
(trg)="s2.79"> 哀哉 ! 他们亲手写经 , 然後说 : 这是真主所降示的 。 他们欲借此换取些微的代价 。 哀哉 ! 他们亲手所写的 。 哀哉 ! 他们自己所营谋的 。

(src)="s2.80"> ئۇلار : « بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ » دەيدۇ . ( ئۇلارغا ) « سىلەرگە اﷲ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ ، ( ۋەدە بەرگەن بولسا ) اﷲ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ ، ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغاننى اﷲ نامىدىن دەۋاتامسىلەر ؟ » دېگىن
(trg)="s2.80"> 他们说 : 火绝不接触我们 , 除非若干有数的日子 。 你说 : 真主是绝不爽约的 , 你们曾与真主缔约呢 ? 还是假借真主的名义而说出自己所不知道的事呢 ?

(src)="s2.81"> ئۇنداق ئەمەس ( سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ ) ، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
(trg)="s2.81"> 不然 , 凡作恶而为其罪孽所包罗者 , 都是火狱的居民 , 他们将永居其中 。

(src)="s2.82"> ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر . ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ
(trg)="s2.82"> 信道而且行善者 , 是乐园的居民 , 他们将永居其中 。

(src)="s2.83"> ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن اﷲ تىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا ، ئاتا - ئانىغا ، خىش - ئەقرىبالارغا ، يېتىملەرگە ، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا ، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا ، ناماز ئۆتەشكە ، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق . ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار ، سىلەر ھەمىشە ( ئەھدەڭلاردىن ) يېنىۋالىسىلەر
(trg)="s2.83"> 当时 , 我与以色列的後裔缔约 , 说 : 你们应当只崇拜真主 , 并当孝敬父母 , 和睦亲戚 , 怜恤孤儿 , 赈济贫民 , 对人说善言 , 谨守拜功 , 完纳天课 。 然後 , 你们除少数人外 , 都违背约言 , 你们是常常爽约的 。

(src)="s2.84"> ئۆز ۋاقتىدا بىر - بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە ، بىر - بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا ، سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق . كېيىن بۇنى ( يەنى ئەھدىنى ) ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار ، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھسىلەر
(trg)="s2.84"> 当时 , 我与你们缔约 , 说 : 你们不要自相残杀 , 不要把同族的人逐出境外 。 你们已经承诺 , 而且证实了 。

(src)="s2.85"> كېيىن سىلەر ( ئەھدىنى بۇزۇپ ) بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار ، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار ، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار ، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە ، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر ، ھالبۇكى ، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى ( يەنى بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر ) . سىلەر كىتابنىڭ ( يەنى تەۋراتنىڭ ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر ؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش ، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر . اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
(trg)="s2.85"> 然後 , 你们自相残杀 , 而且把一部分同族的人逐出境外 , 你们同恶相济 , 狼狈为奸地对付他们 ─ ─ 如果他们被俘来归 , 你们却替他们赎身 ─ ─ 驱逐他们 , 在你们是犯法的行为 。 你们确信经典里的一部分律例 , 而不信别一部分吗 ? 你们中作此事者 , 其报酬不外在今世生活中受辱 , 在复活日 , 被判受最严厉的刑罚 。 真主绝不忽视你们的行为 。

(src)="s2.86"> ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى بېرىپ ، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ
(trg)="s2.86"> 这等人 , 是以後世换取今世生活的 , 故他们所受的刑罚 , 不被减轻 , 他们也不被援助 。

(src)="s2.87"> شەك - شۈبھىسىزكى ، بىز مۇساغا كىتاب ( يەنى تەۋرات ) بەردۇق . ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق ، مەريەم ئوغلى ئىساغا مۆجىزىلەر بەردۇق ، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس ( يەنى جىبرىئىل ) بىلەن يۆلىدۇق . ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە ، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر ؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار ، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار
(trg)="s2.87"> 我确已把经典赏赐穆萨 , 并在他之後继续派遣许多使者 , 我把许多明证赏赐给麦尔彦之子尔撒 , 并以玄灵扶助他 。 难道每逢使者把你们的私心所不喜爱的东西带来给你们的时候 , 你们总是妄自尊大吗 ? 一部分使者 , 被你们加以否认 ; 一部分使者 , 被你们加以杀害 。

(src)="s2.88"> ئۇلار : « دىللىرىمىز پەردىلەنگەن » دېدى . ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى ، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز
(trg)="s2.88"> 他们说 : 我们的心是受蒙蔽的 。 不然 , 真主为他们不信道而弃绝他们 , 故他们的信仰是很少的 。

(src)="s2.89"> ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب ( تەۋرات ) نى تەستىقلايدىغان كىتاب ( قۇرئان ) نازىل بولغان چاغدا ( ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى ) . ئىلگىرى ئۇلار ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى ، ئۇلار بىلىدىغان ( يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان ) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى . اﷲ كاپىرلارغا ( يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا ) لەنەت قىلدى
(trg)="s2.89"> 当一部经典能证实他们所有的经典 , 从真主降临他们的时候 , ( 他们不信它 ) 。 以前他们常常祈祷 , 希望借它来克服不信道者 , 然而当他们业已认识的真理降临他们的时候 , 他们不信它 。 故真主的弃绝加於不信道者 。

(src)="s2.90"> يەھۇدىيلارنىڭ اﷲ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى اﷲ نىڭ ئۆز پەزلىنى ( يەنى پەيغەمبەرلىكنى ) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر . ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ( يەنى ئىمانىنى ) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر . ئۇلار ئۈستى - ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى . كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(trg)="s2.90"> 他们因真主把他的恩惠降给他所意欲的仆人 , 故他们心怀嫉妒 , 因而不信真主所降示的经典 ; 他们为此而出卖自己 , 他们所得的代价真恶劣 。 故他们应受加倍的谴怒 。 不信道者 , 将受凌辱的刑罚 。

(src)="s2.91"> ئۇلارغا : « اﷲ نازىل قىلغان كىتابقا ( يەنى قۇرئانغا ) ئىمان كەلتۈرۈڭلار » دېيىلسە ، ئۇلار : « ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ( يەنى تەۋراتقا ) ئىمان كەلتۈرىمىز » دەيدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا ( يەنى قۇرئانغا ) ئىشەنمەيدۇ ، ھالبۇكى ، ئۇ ( يەنى قۇرئان ) ھەقتۇر ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلغۇچىدۇر . ( ئۇلارغا ) « سىلەر ( تەۋراتقا ) ئىشىنىدىغان بولساڭلار ، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار ؟ » دېگىن
(trg)="s2.91"> 有人对他们说 : 你们应当信真主所降示的经典 。 他们就说 : 我们信我们所受的启示 。 他们不信此後的经典 , 其实 , 这部经典是真实的 , 能证实他们所有的经典 。 你说 : 如果你们是信道的人 , 以前你们为甚麽杀害众先知呢 ?

(src)="s2.92"> مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى ، مۇسا ( تۇر تېغىغا كەتكەن ) دىن كېيىن ، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار
(trg)="s2.92"> 穆萨确已昭示你们许多明证 , 他离开你们之後 , 你们却认犊为神 , 你们是不义的 。

(src)="s2.93"> ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن ( تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا ) چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق ، سىلەرگە : « مەن نازىل قىلغان كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ( بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى تاشلايمىز ) » دەپ تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق ۋە ( تەۋراتقا ) قۇلاق سېلىڭلار ( دېدۇق ) . ئۇلار : « سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇق ئەمرىڭگە ئاسىيلىق قىلدۇق » دېيىشتى . ئۇلارنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى . ئۇلارغا : « ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار ، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا ؟ ( سىلەر مۆمىن ئەمەس ، چۈنكى ئىمان موزايغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇمايدۇ ) » دېگىن
(trg)="s2.93"> 当时 , 我与你们缔约 , 并将山岳树立在你们的上面 , 我说 : 你们当坚守我所赐你们的经典 , 并当听从 。 他们说 : 我们听而不从 。 他们不信道 , 故对犊之爱 , 已浸润了他们的心灵 。 你说 : 如果你们是信士 , 那末 , 你们的信仰所命你们的真恶劣 !