# ja/japanese.xml.gz
# ug/saleh.xml.gz


(src)="s1.1"> 慈悲あまねく慈愛深きアッラーの御名において 。
(trg)="s1.1"> ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

(src)="s1.2"> 万有の主 , アッラーにこそ凡ての称讃あれ ,
(trg)="s1.2"> جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر

(src)="s1.3"> 慈悲あまねく慈愛深き御方 ,
(trg)="s1.3"> اﷲ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر

(src)="s1.4"> 最後の審きの日の主宰者に 。
(trg)="s1.4"> قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر

(src)="s1.5"> わたしたちはあなたにのみ崇め仕え , あなたにのみ御助けを請い願う 。
(trg)="s1.5"> ( رەببىمىز ) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز

(src)="s1.6"> わたしたちを正しい道に導きたまえ ,
(trg)="s1.6"> بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن

(src)="s1.7"> あなたが御恵みを下された人々の道に , あなたの怒りを受けし者 , また踏み迷える人々の道ではなく 。
(trg)="s1.7"> غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا ( باشلىغىن )

(src)="s2.1"> アリフ ・ ラーム ・ ミーム 。
(trg)="s2.1"> ئەلىف ، لام ، مىم

(src)="s2.2"> それこそは , 疑いの余地のない啓典である 。 その中には , 主を畏れる者たちへの導きがある 。
(trg)="s2.2"> بۇ كىتابتا ( يەنى قۇرئاندا ) ھېچ شەك يوق ، ( ئۇ ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر

(src)="s2.3"> 主を畏れる者たちとは , 幽玄界を信じ , 礼拝の務めを守り , またわれが授けたものを施す者 ,
(trg)="s2.3"> ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ ، نامازنى ئادا قىلىدۇ ، ئۇلار بىز بەرگەن مال - مۈلۈكتىن ( خۇدا يولىغا ) سەرپ قىلىدۇ

(src)="s2.4"> またわれがあなた ( ムハンマド ) に啓示したもの , またあなた以前 ( の預言者たち ) に啓示したものを信じ , また来世を堅く信じる者たちである 。
(trg)="s2.4"> ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ، سەندىن ئىلگىرىكى ( پەيغەمبەرلەرگە ) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ

(src)="s2.5"> これらの者は , 主から導かれた者であり , また至上の幸福を成就する者である 。
(trg)="s2.5"> ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر ، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر

(src)="s2.6"> 本当に信仰を拒否する者は , あなたが警告しても , また警告しなくても同じで , ( 頑固に ) 信じようとはしないであろう 。
(trg)="s2.6"> شۈبھىسىزكى ، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن ، ئاگاھلاندۇرمامسەن ، بەرىبىر ، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ

(src)="s2.7"> アッラーは , かれらの心も耳をも封じられる 。 また目には覆いをされ , 重い懲罰を科せられよう 。
(trg)="s2.7"> اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ( ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ ) ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن ( ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ ) ، ئۇلار ( ئاخىرەتتە ) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

(src)="s2.8"> また人びとの中 , 「 わたしたちはアッラーを信じ , 最後の ( 審判の ) 日を信じる 。 」 と言う者がある 。 だがかれらは信者ではない 。
(trg)="s2.8"> كىشىلەر ئارىسىدا اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار ، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ ( يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن ، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ )

(src)="s2.9"> かれらはアッラーと信仰する者たちを , 欺こうとしている 。 ( 実際は ) 自分を欺いているのに過ぎないのだが , かれらは ( それに ) 気付かない 。
(trg)="s2.9"> ئۇلار اﷲ نى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ

(src)="s2.10"> かれらの心には病が宿っている 。 アッラーは , その病を重くする 。 この偽りのために , かれらには手痛い懲罰が下されよう 。
(trg)="s2.10"> ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل ( يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش ) بار ، اﷲ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى ؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى ( يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

(src)="s2.11"> 「 あなたがたは , 地上を退廃させてはならない 。 」 と言われると , かれらは , 「 わたしたちは矯正するだけのものである 。 」 と言う 。
(trg)="s2.11"> ئۇلارغا : « يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار » دېيىلسە ، « بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز » دەيدۇ

(src)="s2.12"> いゃ , 本当にかれらこそ , 退廃を引き起こす者である 。 だがかれらは ( それに ) 気付かない 。
(trg)="s2.12"> بىلىڭلاركى ، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر ، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ

(src)="s2.13"> 「 人びとが信仰するよう , 信仰しなさい 。 」 と言われると , かれらは , 「 わたしたちは愚か者が信仰するように , 信じられようか 。 」 と言う 。 いや , 本当にかれらこそ愚か者である 。 だがかれらは , ( それが ) 分らない 。
(trg)="s2.13"> ئۇلارغا ( يەنى مۇناپىقلارغا ) : « ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك ( يەنى ساھابىلەردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ) ئىمان ئېيتىڭلار » دېيىلسە ، « بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق ؟ » دەيدۇ . بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر ، لېكىن ( بۇنى ) ئۇلار تۇيمايدۇ

(src)="s2.14"> かれらは信仰する者に会えば , 「 わたしたちは信仰する 。 」 と言う 。 だがかれらが仲間の悪魔 〔 シャイターン 〕 たちだけになると , 「 本当はあなたがたと一緒なのだ 。 わたしたちは , 只 ( 信者たちを ) 愚弄していただけだ 。 」 と言う 。
(trg)="s2.14"> ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا : « بىز ئىمان ئېيتتۇق » دېيىشىدۇ ، شاياتۇنلىرى ( يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى ) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا « بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز ، پەقەت ( تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز » دەيدۇ

(src)="s2.15"> だがアッラーは , このような連中を愚弄し , 不信心のままに放置し , 当てもなくさ迷わせられる 。
(trg)="s2.15"> مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جازالايدۇ ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى ، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ

(src)="s2.16"> これらの者は導きの代わりに , 迷いを購った者で , かれらの取引は利益なく , また決して正しく導かれるい 。
(trg)="s2.16"> ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ گۇمراھلىقنى ئالدى . شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى ، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى

(src)="s2.17"> かれらを譬えれば火を灯す者のようで , 折角火が辺りを照らしたのに , アッラーはかれらの光を取り上げられ , 暗闇の中に取り残されたので , 何二つ見ることが出来ない 。
(trg)="s2.17"> ئۇلار گوياكى ( كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن ) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ، اﷲ ئۇلارنىڭ ( ئوتىنىڭ ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى ، ئۇلارنى ( ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى ) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى

(src)="s2.18"> 聾唖で盲人なので , かれらは引き返すことも出来ないであろう 。
(trg)="s2.18"> ئۇلار گاستۇر ( يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك ، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ ) ، گاچىدۇر ( يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك ، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ ) ، كوردۇر ( يەنى كور بولۇپ قالغاندەك ، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ ) ، شۇڭا ئۇلار ( گۇمراھلىقتىن ) قايتمايدۇ

(src)="s2.19"> また ( 譬えば ) 暗闇の中で雷鳴と稲妻を伴なう豪雨が天から降ってきたようなもので , 落雷の忍さから死を忍れて , ( 威らに ) 耳に指を差し込む 。 だがアッラーは , 不信心者たちを全部取り囲まれる 。
(trg)="s2.19"> ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك ، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان ، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ ، قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ . اﷲ كاپىرلارنى ( يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

(src)="s2.20"> 稲妻はほとんどかれらの視覚を奪わんばかりである 。 閃く度にその中で歩みを進めるが , 暗闇になれば立ち止まる 。 もしもアッラーが御望みならば , かれらの聴覚も視覚も必ず取り上げられる 。 本当にアッラーは , 凡てのことに全能であられる 。
(trg)="s2.20"> چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ . ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ ؛ قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ ، اﷲ خالىسا ئىدى ، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى . اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر

(src)="s2.21"> 人びとよ 。 あなたがた , またあなたがた以前の者を創られた主に仕えなさい 。 恐らくあなたがたは ( 悪魔に対し ) その身を守るであろう 。
(trg)="s2.21"> ئى ئىنسانلار ! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار ( يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر ) نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار

(src)="s2.22"> ( かれは ) あなたがたのために大地を臥所とし , また大空を天蓋とされ , 天から雨を降らせ , あなたがたのために糧として種々の果実を実らせられる方である 。 だからあなたがたは ( 真理を ) 知った上は , ( 唯一なる ) アッラーの外に同じような神があるなどと唱えてはならない 。
(trg)="s2.22"> اﷲ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا ( يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش ) قىلىپ بەردى ، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى ، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى . ئەمدى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرمەڭلار ، ھالبۇكى ، سىلەر ( اﷲ نىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى ) بىلىپ تۇرىسىلەر

(src)="s2.23"> もしあなたがたが , わがしもべ ( ムハンマド ) に下した啓示を疑うならば , それに類する1章 〔 スーラ 〕 でも作ってみなさい 。 もしあなたがたが正しければ , アッラー以外のあなたがたの証人を呼んでみなさい 。
(trg)="s2.23"> بەندىمىز ( مۇھەممەد ) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار ( قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا ) اﷲ تىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ( ياردەمگە ) چاقىرىڭلار ، ( قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا ) راستچىل بولساڭلار

(src)="s2.24"> もしあなたがたが出来ないならば , いや , 出来るはずもないのだが , それならば , 人間と石を燃料とする地獄の業火を恐れなさい 。 それは不信心者のために用意されている 。
(trg)="s2.24"> ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان ، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار

(src)="s2.25"> 信仰して善行に勤しむ者たちには , かれらのために , 川が下を流れる楽園に就いての吉報を伝えなさい 。 かれらはそこで , 糧の果実を与えられる度に , 「 これはわたしたちが以前に与えられた物だ 。 」 と言う 。 かれらには , それ程似たものが授けられる 。 また純潔な配偶者を授けられ , 永遠にその中に住むのである 。
(trg)="s2.25"> ( ئى مۇھەممەد ! ) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن . ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا : « بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن ( دۇنيادىمۇ ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق » دەيدۇ . ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان ، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ . جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر ( يەنى ھۆرلەر ) بېرىلىدۇ ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ

(src)="s2.26"> 本当にアッラーは , 蚊または更に小さいものをも , 比喩に挙げることを厭われない 。 信仰する者はそれが主から下された真理であることを知る 。 だが不信心者は , 「 アッラーは , この比喩で一体何を御望みだろう 。 」 と言う 。 かれは , このように多くの者を迷うに任せ , また多くの者を ( 正しい道に ) 導かれる 。 かれは , 主の掟に背く者の外は , ( 誰も ) 迷わさない 。
(trg)="s2.26"> اﷲ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ ، مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ ؛ كاپىرلار بولسا : « اﷲ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ ؟ » دەيدۇ . اﷲ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ( ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ( ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن ) ھىدايەت قىلىدۇ ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ

(src)="s2.27"> 確約して置きながらアッラーとの約束を破る者 , アッラーが結ぺと命じられたものから離れ , 地上で悪を行う者 , これらの者は ( 等しく ) 失敗者である 。
(trg)="s2.27"> پاسىقلار اﷲ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ . اﷲ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ ( يەنى سىلە - رەھىم قىلمايدۇ ) ، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر

(src)="s2.28"> あなたがたはどうしてアッラーを拒否出来ようか 。 かれこそは生命のないあなたがたに , 生命を授けられた御方 。 それからあなたがたを死なせ , 更に匙らせ , 更にまたかれの御許に帰らせられる御方 。
(trg)="s2.28"> اﷲ نى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى ، جانسىز ئىدىڭلار ، سىلەرگە جان بەردى ( يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا ، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنىي ئىدىڭلار ) ، كېيىن ( ئەجىلىڭلار توشقاندا ) اﷲ جېنىڭلارنى ئالىدۇ ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ ، ئاندىن كېيىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا ( ھېساب بېرىش ئۈچۈن ) قايتۇرۇلىسىلەر

(src)="s2.29"> かれこそは , あなたがたのために , 地上の凡てのものを創られた方であり , 更に天の創造に向かい , 7つの天を完成された御方 。 またかれは凡てのことを熟知される 。
(trg)="s2.29"> اﷲ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ( نىڭ پايدىلىنىشىڭلار ) ئۈچۈن ياراتتى ، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى . اﷲ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر

(src)="s2.30"> またあなたの主が ( 先に ) 天使たちに向かって , 「 本当にわれは , 地上に代理者を置くであろう 。 」 と仰せられた時を思い起せ 。 かれらは申し上げた 。 「 あなたは地上で悪を行い , 血を流す者を置かれるのですか 。 わたしたちは , あなたを讃えて唱念し , またあなたの神聖を譲美していますのに 。 」 かれは仰せられた 。 「 本当にわれはあなたがたが知らないことを知っている 。 」
(trg)="s2.30"> ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە : « مەن يەر يۈزىدە خەلىپە ( يەنى ئورۇنباسار ) يارىتىمەن » دېدى . پەرىشتىلەر : « يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ، قان تۆكىدىغان ( شەخسنى ) خەلىپە قىلامسەن ؟ ھالبۇكى بىز سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز ، مۇقەددەس دەپ مەدھىيىلەيمىز » دېدى . اﷲ : « مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن » دېدى

(src)="s2.31"> かれはアーダムに凡てのものの名を教え , 次にそれらを天使たちに示され , 「 もし , あなたがた ( の言葉 ) が真実なら , これらのものの名をわれに言ってみなさい 。 」 と仰せられた 。
(trg)="s2.31"> اﷲ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى ، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ : « ( خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا ) راستچىل بولساڭلار ، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار » دېدى

(src)="s2.32"> かれらは ( 答えて ) 申し上げた 。 「 あなたの栄光を讃えます 。 あなたが , わたしたちに教えられたものの外には , 何も知らないのです 。 本当にあなたは , 全知にして英明であられます 。 」
(trg)="s2.32"> پەرىشتىلەر : « سېنى ( پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن ) پاك دەپ تونۇيمىز . بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز ، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن » دېدى

(src)="s2.33"> かれは仰せられた 。 「 アーダムよ , それらの名をかれら ( 天使 ) に告げよ 。 」 そこでアーダムがそれらの名をかれらに告げると , かれは , 「 われは天と地の奥義を知っているとあなたがたに告げたではないか 。 あなたがたが現わすことも , 隠すことも知っている 。 」 と仰せられた 。
(trg)="s2.33"> اﷲ : « ئى ئادەم ! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن » دېدى . ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا ، اﷲ : « مەن سىلەرگە ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن ، دېمىگەنمىدىم » دېدى

(src)="s2.34"> またわれが天使たちに , 「 あなたがた , アーダムにサジダしなさい 。 」 と言った時を思い起せ 。 その時 , 皆サジダしたが , 悪魔 〔 イブリース 〕 だけは承知せず , これを拒否したので , 高慢で不信の徒となった 。
(trg)="s2.34"> ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە : « ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار » دېدۇق ، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى ، ئىبلىس ( سەجدە قىلىشتىن ) باش تارتتى ، تەكەببۇرلۇق قىلدى ، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى

(src)="s2.35"> われは言った 。 「 アーダムよ , あなたとあなたの妻とはこの園に住み , 何処でも望む所で , 思う存分食べなさい 。 だが , この木に近付いてはならない 。 不義を働く者となるであろうから 。 」
(trg)="s2.35"> بىز ( ئادەمگە ) : « ئى ئادەم ! سەن خوتۇنۇڭ ( يەنى ھەۋۋا ) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار ! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار ، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار ( يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار ) ، بولمىسا ( ئۆزۈڭلارغا ) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر » دېدۇق

(src)="s2.36"> ところが悪魔 〔 シャイターン 〕 は , 2人を顕かせ , かれらが置かれていた ( 幸福な ) 場所から離れさせた 。 われは , 「 あなたがたは落ちて行け 。 あなたがたは , 互いに敵である 。 地上には , あなたがたのために住まいと , 仮初の生活の生計があろう 。 」 と言った 。
(trg)="s2.36"> شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى ( يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى ) ، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى . ( ئادەمگە ، ھەۋۋاغا ، ئىبلىسقا ) « بىر - بېرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا ( جەننەتتىن يەر يۈزىگە ) چۈشۈڭلار ، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق ( ئەجىلىڭلار توشقۇچە ) يەرلىشىڭلار ۋە ( نېمەتلەردىن ) بەھرىمەن بولۇڭلار » دېدۇق

(src)="s2.37"> その後 , アーダムは , 主から御言葉を授かり , 主はかれの悔悟を許された 。 本当にかれは , 寛大に許される慈悲深い御方であられる 。
(trg)="s2.37"> ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى ( يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى ) ، اﷲ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى . اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر ( بەندىلىرىگە ) ناھايىتى مېھرىباندۇر

(src)="s2.38"> われは言った 。 「 あなたがたは皆ここから落ちて行け 。 やがてあなたがたに必ずわれの導きが恵まれよう 。 そしてわれの導きに従う者は , 恐れもなく憂いもないであろう 。
(trg)="s2.38"> ( ئۇلارغا ) « ھەممىڭلار بۇ يەردىن چۈشۈڭلار ، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى ( يەنى پەيغەمبەر ) كېلىدۇ ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە ( ئاخىرەتتە ) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ » دېدۇق

(src)="s2.39"> だが信仰を拒否し , われの印を嘘呼ばわりする者は , 業火の住人であって , 永遠にその中に住むであろう 。 」
(trg)="s2.39"> كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

(src)="s2.40"> イスラエルの子孫たちよ , あなたがたに施したわれの恩恵を心に銘記し , われとの約束を履行しなさい 。 われはあなたがたとの約束を果すであろう 。 われだけを畏れなさい 。
(trg)="s2.40"> ئى ئسرائىل ئەۋلادى ! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار ، ماڭا بەرگەن ( ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى ) ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار ، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ( ساۋاب بېرىش ھەققىدىكى ) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن ، مەندىنلا قورقۇڭلار

(src)="s2.41"> あなたがたが持っているものの確証として , われが下した啓示 ( クルアーン ) を信じ , これを信じない者の , 先頭になってはならない 。 また僅かな代償で , わが印を売ってはならない 。 そしてわれだけを畏れなさい 。
(trg)="s2.41"> مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار ، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار ، ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار ، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار

(src)="s2.42"> 嘘をもって真理を被ったり , また ( 確かに ) 知っていながら , 真理を隠してはならない 。
(trg)="s2.42"> ھەقنى باتىلغا ( يەنى اﷲ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئۆزۈڭلار ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىگە ) ئارىلاشتۇرماڭلار ، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار

(src)="s2.43"> 礼拝 〔 サラート ) の務めを守り , 定めの施し 〔 ザカ ― 卜 〕 をなし , 立礼 〔 ルクーウ 〕 に動しむ人たちと共に立礼しなさい 。
(trg)="s2.43"> نامازنى ئادا قىلىڭلار ، زاكاتنى بېرىڭلار ، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار

(src)="s2.44"> あなたがたは , 人びとに善行を勧めながら , 自分では ( その実行を ) 忘れてしまったのか 。 あなたがたは啓典を読誦しながら , それでも尚理解しないのか 。
(trg)="s2.44"> كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر ؟ ھالبۇكى ، سىلەر كىتاب ( يەنى تەۋرات ) نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر ، چۈشەنمەمسىلەر

(src)="s2.45"> 忍耐と礼拝によって , ( アッラーの ) 御助けを請い願いなさい 。 だがそれは , ( 主を畏れる ) 謙虚な者でなければ本当こ難かしいこと 。
(trg)="s2.45"> سەۋر قىلىش ، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ( اﷲ تىن ) ياردەم تىلەڭلار . ناماز اﷲ تىن قورققۇچىلار ( يەنى كەمتەرلىك بىلەن اﷲ قا بويسۇنغۇچىلار ) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر

(src)="s2.46"> 敬神の仲間はやがて主に会うこと , かれの御許に帰り行くことを堅く心に銘記している者である 。
(trg)="s2.46"> اﷲ تىن قورققۇچىلار پەرۋەردىگارىغا چوقۇم مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ۋە اﷲ نىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدۇ

(src)="s2.47"> イスラエルの子孫たちよ , われがあなたがたに与えた恩恵と , ( わが啓示を ) 万民に先んじ ( て下し ) たことを念い起せ 。
(trg)="s2.47"> ئى ئىسرائىل ئەۋلادى ! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى ( بىر زامانلاردا ) تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار

(src)="s2.48"> そして誰も外の者のために身代りになれない日のために , またどんな執り成しも許されず , 償いも受け入れられず , また誰一人助けることの出来ない ( 日のために ) その身を守りなさい 。
(trg)="s2.48"> كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان ، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان ، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان ، ئۇلار ( يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر ) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار

(src)="s2.49"> そしてわれがあなたがたをフィルアウンの一族から救った時を思い起せ 。 かれらはあなたがたを重い刑に服させ , あなたがたの男児を殺し , 女児を生かして置いた 。 それはあなたがたの主からの厳しい試練であった 。
(trg)="s2.49"> ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان ، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ ، قىزلىرىڭلارنى ( ئىشقا سېلىش ئۈچۈن ) تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق . بۇ ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ( ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئاجرىتىدىغان ) چوڭ سىنىقى ئىدى

(src)="s2.50"> またわれがあなたがたのために海を分けて , あなたがたを救い , あなたがたが見ている前で , フィルアウンの一族を溺れさせた時のことを思い起せ 。
(trg)="s2.50"> ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق ( يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق ) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق

(src)="s2.51"> また , われが40夜にわたり , ムーサーと約束を結んだ時のこと 。 その時あなたがたはかれのいない間に仔牛を神として拝し , 不義を行った 。
(trg)="s2.51"> ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە ( كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى ) ۋەدە قىلدۇق . ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ ، موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار

(src)="s2.52"> それでも , その後われはあなたがたを許した 。 必ずあなたがたは感謝するであろう 。
(trg)="s2.52"> شۇنىڭدىن كېيىن ، شۈكۈر قىلسۇن دەپ ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق

(src)="s2.53"> またわれがムーサーに , 啓典と ( 正邪の ) 識別 〔 フルカーン 〕 ( の基準 ) を与えたことを思い起せ 。 これもあなたがたが正しく導かれるであろうと思ってのこと 。
(trg)="s2.53"> ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتابنى ( يەنى تەۋراتنى ) بەردۇق

(src)="s2.54"> その時ムーサーはその民に告げて言った 。 「 わたしの民よ , 本当にあなたがたは , 仔牛を選んで , 自らを罪に陥れた 。 だからあなたがたの創造の主の御許に悔悟して帰り , あなたがた自身を殺しなさい 。 そうしたら , 創造の主の御目にも叶い , あなたがたのためにもよいだろう 。 」 こうしてかれは , あなたがたの梅悟を受け入れられた 。 本当にかれは , 度々許される御方 , 慈悲深い御方であられる 。
(trg)="s2.54"> ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە : « ئى قەۋمىم ! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار ، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار ، موزايغا چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن » دېدى . مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر . اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى . اﷲ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر ، ناھايىتى مېھرىباندۇر

(src)="s2.55"> あなたがたが , 「 ムーサーよ , わたしたちはアッラーをはっきりと見るまでは , あなたを信じないであろう 。 」 と言った時を思い起せ 。 するとあなたがたが見ている前で , 落雷があなたがたを襲った 。
(trg)="s2.55"> ئۆز ۋاقتىدا : « ئى مۇسا ! اﷲ نى ئوپئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز » دېدىڭلار - دە ، ( سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى ) كۆرۈپ تۇرغىنىڭلار ھالدا سىلەرنى چاقماق سوقتى

(src)="s2.56"> それからわれは , 死んだ後にあなたがたを甦らせた 。 あなたがたは感謝するであろう 。
(trg)="s2.56"> ئاندىن كېيىن ، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن ، دەپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردۇق

(src)="s2.57"> われは雲の影をあなたがたの上に送り , そしてマンナとウズラとを下し , 「 われが授ける善いものを食べなさい 。 」 ( と告げたが , い ) ことをきかなかった ) 。 かれらはわれを損なったのではなく , 只自分の魂を損なったのである 。
(trg)="s2.57"> سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق ، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق . ( بىز سىلەرگە ) « رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك ، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ - ئىچىڭلار » ( دېدۇق ) . ئۇلار ( نېمەتلىرىمىزگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن ) بىزگە ئەمەس ، پەقەت ئۆزلىرىگىلا زۇلۇم قىلدى

(src)="s2.58"> またこう言った時を思い起せ 。 「 あなたがたは , この町に入り , 意のままにそこで存分に食べなさい 。 頭を低くして門を入り , 『 御許し下さい 。 』 と言え 。 われはあなたがたの過ちを赦し , また善行をする者には ( 報奨を ) 増すであろう 。 」
(trg)="s2.58"> ئۆز ۋاقتىدا ( مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا ) : « بۇ شەھەرگە ( يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە ) كىرىڭلار ، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار ، ( بەيتۇلمۇقەددەس ) دەرۋازىسىدىن ( شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ، ( پەرۋەردىگارىمىز ) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز ، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز » دېدۇق

(src)="s2.59"> だがかれらの中の不義を行う者は , かれらに告げた言葉を , ( 勝手に ) 変えてしまった 。 それでわれは , それら不義を行う者の上に天から懲罰を下した 。 度々 ( わが命に ) 背いたためである 。
(trg)="s2.59"> زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى ، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى ( يەنى اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ) ئۈچۈن ، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق

(src)="s2.60"> またムーサーがその民のために , 水を求めて祈った時を思い起せ 。 われは , 「 あなたの杖で岩を打て 。 」 と言った 。 するとそこから , 12の泉が涌き出て , 各支族は , 自分の水場を知った 。 「 アッラーから授かった糧を , 食べ且つ飲みなさい 。 堕落して , 地上で悪を行ってはならない 。 」
(trg)="s2.60"> ئۆز ۋاقتىدا ، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى ، بىز ئۇنىڭغا : « ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن » دېدۇق . تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى ، ھەممە ئادەم ( يەنى قەبىلە ) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى ، ( ئۇلارغا ) « اﷲ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار » ( دېدۇق )

(src)="s2.61"> あなたがたがこう言ったのを思い起せ 。 「 ムーサーよ , わたしたちは , 一色の食物だけでは耐えられないから , 地上に産するものをわたしたちに与えられるよう , あなたの主に祈って下さい 。 それは野莱 , 胡瓜 , 穀物 , れんず豆と玉葱である 。 」 かれは言った 。 「 あなたがたは , 良いものの代りにつまらないものを求めるのか 。 ( それなら ) あなたがたの望むものが求められるような , どの町にでも降りて行くがよい 。 」 こうしてかれらは , 屈辱と貧困にうちひしがれ , またアッラーの激怒を被むった 。 それはかれらが , アッラーの印を拒否して信じないで , 不当にも預言者たちを殺害したためである 。 これもかれらがアッラーの掟に背いて , 罪を犯していたためである 。
(trg)="s2.61"> ئۆز ۋاقتىدا ( سىنا چۆلىدە تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا ) سىلەر : « ئى مۇسا ! بىز بىر خىل يېمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز ، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن ، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك ، سامساق ، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن » دېدىڭلار ، مۇسا : « سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر ؟ ( يەنى پىياز ، سامساق ، كۆكتاتنى تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىدىن ئارتۇق كۆرەمسىلەر ؟ ) بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار ، ( شۇ يەردە ) تىلىگىنىڭلار بار » دېدى . ئۇلار خارلىقتا ، موھتاجلىقتا قالدى . اﷲ نىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولدى . بۇ ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى . بۇ اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولدى

(src)="s2.62"> 本当に ( クルアーンを ) 信じる者 , ユダヤ教徒 , キリスト教徒とサービア教徒で , アッラーと最後の ( 審判の ) 日とを信じて , 善行に勤しむ者は , かれらの主の御許で , 報奨を授かるであろう 。 かれらには , 恐れもなく憂いもないであろう 。
(trg)="s2.62"> شۈبھىسىزكى ، مۆمىنلەر ، يەھۇدىيلار ، ناسارالار ( ئارىسىدىن ) ۋە پەرىشتىلەرگە ، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن اﷲ قا ، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . ئۇلارغا ( ئاخىرەتتە ) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ يوقتۇر

(src)="s2.63"> またわれがあなたがたと契約を結び , あなたがたの頭上に ( シナイ ) 山を持ち上げた時を思い起せ 。 「 われがあなたがたに下したものを , しっかり受け取り , その中にあるものを銘記しなさい , そうすればあなたがたは神を畏れるであろう 。 」 ( と告げた 。 )
(trg)="s2.63"> ئۆز ۋاقتىدا ، بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان ، سىلەرگە : « ( دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن ، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن ) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ( يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار ) ، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار » ( دېگەن ئىدۇق )

(src)="s2.64"> だがあなたがたは , その後背き去った 。 もしあなたがたにアッラーの恵みと慈悲がなかったならば , あなたがたは , きっと失敗にうちひしがれていたであろう 。
(trg)="s2.64"> شۇنىڭدىن كېيىن ( بەرگەن ۋەدەڭلاردىن ) يۈز ئۆرۈدۈڭلار ، سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى ، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار

(src)="s2.65"> またあなたがたは , 自分たちの中で安息日の提を破った者に就いて知っている , われはかれらに言い渡した 。 「 あなたがたは猿になれ , 卑められ排斥されよ 。 」
(trg)="s2.65"> ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى ( بېلىق تۇتماسلىق ) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى ( قانداق قىلغانلىقىمىزنى ) ، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر ، بىز ئۇلارغا : « خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار » دېدۇق

(src)="s2.66"> われはこうしてあなたがたの時代 , また後代の者ヘの見せしめとし , また主を畏れる者への訓戒とした 。
(trg)="s2.66"> ئۇنى ( يەنى ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانى ) زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت ، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلدۇق

(src)="s2.67"> またムーサーが , その民に告げてこう言った時を思い起せ 。 「 アッラーは , 一頭の雌牛を犠牲に供えることをあなたがたに命じられる 。 」 かれらは言った 。 「 あなたは , わたしたちを愚弄するのか 。 」 かれは祈った 。 「 アッラーよ , あたしを御救い下さい 。 愚か者の仲間にならないように 。 」
(trg)="s2.67"> ئۆز ۋاقتىدا ، مۇسا ئۆز قەۋمىگە : « اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ » دېگەن ئىدى . ئۇلار : « بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن ؟ » دېدى . مۇسا : « جاھىللاردىن ( يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ) بولۇپ قېلىشتىن اﷲ قا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن » دېدى

(src)="s2.68"> かれらは言った 。 「 あなたの主に御願いして , それがどんな ( 牛 ) か , わたしたちにはっきりさせて下さい 。 」 かれは言った 。 「 かれは仰せられる , その雌牛は老い過ぎずまた若過ぎない 。 その間の程良い ( 雌牛 ) である 。 さああなたがたが命じられたことを実行しなさい 。 」
(trg)="s2.68"> ئۇلار : « بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى ، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن » دېدى . مۇسا : « اﷲ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس ، ياشمۇ ئەمەس ، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دەپ ئېيتتى ، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار » دېدى

(src)="s2.69"> かれらは言った 。 「 あなたの主に御願いして , それが何 ( 色であるの ) か , わたしたちにはっきりさせて下さい 。 」 かれは言った 。 「 かれは仰せられる , それは黄金色の雌牛で , その色合は鮮かで , 見る者を喜ばせるものである 。 」
(trg)="s2.69"> ئۇلار : « بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى ، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن » دېدى . مۇسا ئېيتتىكى ، « اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى »

(src)="s2.70"> かれらは言った 。 「 あなたの主に御願いして , それはどんな ( 牛 ) か , あたしたちにはっきりさせて下さい 。 単に雌牛では , わたしたちにはどうも同じに思える 。 もしアッラーが御望みなら , わたしたちはきっと正しく導いて頂けよう 。 」
(trg)="s2.70"> ئۇلار : « پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن ، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن ، ( يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ ؟ ) بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى ( بۇ ئېنىق بولىدىغان بولسا ) خۇدا خالىسا ( ئۇنى ) بىز چوقۇم تاپىمىز » دېدى

(src)="s2.71"> かれは ( 答えて ) 言った 。 「 かれは仰せられる , それは土地の耕作にも , また畑の灌漑にも使われない , 完全な無傷の雌牛だ 。 」 かれらは言った 。 「 あなたは今やっと , 真実を伝えてくれた 。 」 かれらはほとんど犠牲を捧げる気はなかったが , 仕方なくそうした 。
(trg)="s2.71"> مۇسا : « اﷲ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ ، ئېكىن سۇغۇرۇپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى ، بېجىرىم ، ئالىسى يوق ( يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق ) بولۇشىنى ئېيتتى » دېدى . ئۇلار : « ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ » دېدى ئۇلار ( كالىنى ) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى ، ( ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن ) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى

(src)="s2.72"> また , あなたがたが1人の人間を殺し , それがもとで互いに争った時のことを思い起せ 。 だがアッラーは , あなたがたが隠していたことを , 暴かれた 。
(trg)="s2.72"> ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ( قاتىلنىڭ كىملىكى ) توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان ئىدىڭلار . سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى ( يەنى قاتىلنىڭ ئىشىنى ) اﷲ ئاشكارىلىغۇچىدۇر

(src)="s2.73"> われは 「 その ( 雌牛の肉の ) 一片でかれを打て 。 」 と言った 。 こうしてアッラーは死者を甦らせ , その印をあなたがたに示される 。 必ずあなたがたは悟るであろう 。
(trg)="s2.73"> ( سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق ) دېدۇقكى ، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار ( ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ ) ، اﷲ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق ( يەنى كۆز ئالدىڭلاردا بۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەندەك ) تىرىلدۈرىدۇ ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ

(src)="s2.74"> ところがその後 , あなたがたの心は岩のように硬くなった 。 いやそれよりも硬くなった 。 本当に岩の中には , 川がその間から涌き出るものがあり , また割れてその中から水がほとばしり出るものもあり , またアッラーを畏れて , 崩れ落ちるものもある 。 アッラーはあなたがたの行うことを , おろそかにされない 。
(trg)="s2.74"> ( ئى يەھۇدىيلار جامائەسى ! ) شۇنىڭدىن كېيىن ( يەنى شانلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ) دىلىڭلار قېتىپ كەتتى ، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتتى . تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن ( سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار ، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار ؛ اﷲ تىن قورقۇپ ( تاغ چوققىلىرىدىن ) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار ( دېمەك ، تاش يۇمشايدۇ ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ ) ، اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر

(src)="s2.75"> ( 信仰する人びとよ ) あなたがたは , かれら ( ユダヤ人 ) があなたがたを信じることを望めようか 。 かれらの中の一団は , アッラーの御言葉を聞き , それを理解した後で故意にそれを書き変える 。
(trg)="s2.75"> ( ئى مۆمىنلەر جامائەسى ! دەۋىتىڭلار ئارقىلىق ) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر ؟ ھالبۇكى ، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ، اﷲ نىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن ، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ( قەستەن ) ئۆزگەرتىۋەتتى

(src)="s2.76"> そしてかれらは , 信者たちに会うと , 「 わたしたちは信じる 。 」 と言う 。 だがお互いだけで会うと , かれらは言う 。 「 アッラーがあなたがたに解明されたものを , 態々かれら ( ムスリム ) に知らせてやり , 主の御前で , かれらがそれに就いてあなたがたを説き伏せる ( 余地を ) 与えるのか 。 」 あなたがたは ( かれらの狙いが ) 分からないのか 。
(trg)="s2.76"> ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا : « ئىمان ئېيتتۇق » دەيتتى . بىر - بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقانلىرىدا : « پەرۋەردىگارىڭلار قېشىدا مۆمىنلەر سىلەرگە قارشى پاكىت كۆرسەتسۇن دەپ اﷲ سىلەرگە بىلدۈرگەن ۋەھيىنى ( يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى ) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەمسىلەر ؟ ( بۇنى ) چۈشەنمەمسىلەر ! » دەيتتى

(src)="s2.77"> かれらは知らないのであろうか 。 アッラーはかれらの隠すことも , 現わすことも知り尽くされることを 。
(trg)="s2.77"> يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى اﷲ نىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ ؟

(src)="s2.78"> またかれらの中には , 啓典を知らない文盲がいる , かれらは只 ( 虚しい ) 願望を持ち , 勝手に臆測するだけである 。
(trg)="s2.78"> ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى ( يەنى تەۋراتنى ) ئۇقمايدۇ ، ( ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ ، گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ

(src)="s2.79"> 災いあれ , 自分の手で啓典を書き , 僅かな代償を得るために , 「 これはアッラーから下ったものだ 。 」 と言う者に 。 かれらに災いあれ , その手が記したもののために 。 かれらに災いあれ , それによって利益を得たために 。
(trg)="s2.79"> كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئۇنى ئاز پۇلغا سېتىش ( يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتى ) ئۈچۈن ، بۇ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي ! قولى بىلەن يازغانلىرى ( يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى ) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي ! ( بۇنىڭ بىلەن ) ئېرىشكەن ( ھارام ) نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي

(src)="s2.80"> そしてかれらは , 「 業火がわたしたちに触れるのは , 何日かの間に過ぎないであろう 。 」 と言う 。 言ってやるがいい 。 「 あなたがたは , アッラーと約束を結んだと言うのか 。 それならアッラーは決して破約されないであろう 。 それともあなたがたは , アッラーに就いて知りもしないことをロにしようとするのか 。 」
(trg)="s2.80"> ئۇلار : « بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ » دەيدۇ . ( ئۇلارغا ) « سىلەرگە اﷲ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ ، ( ۋەدە بەرگەن بولسا ) اﷲ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ ، ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغاننى اﷲ نامىدىن دەۋاتامسىلەر ؟ » دېگىن

(src)="s2.81"> いや悪い行いを重ね , 自分の罪で身動きが出来なくなるような者は皆 , 業火の住人である 。 その中に永遠に住むのである 。
(trg)="s2.81"> ئۇنداق ئەمەس ( سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ ) ، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

(src)="s2.82"> だが信仰して善行に勤しむ者は楽園の住人である 。 その中に永遠に住むのである 。
(trg)="s2.82"> ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر . ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ

(src)="s2.83"> われがイスラエルの子孫と , 約束を結んだ時のことを思い起せ 。 ( その時われは言った 。 ) 「 あなたがたはアッラーの外に , 何ものも崇めてはならない 。 父母に孝養をつくし , 近親 , 孤児 , 貧者を規切に扱い , 人びとに善い言葉で話し , 礼拝の務めを守り , 定めの喜捨をしなさい 。 」 だが , あなたがたの中少数の者を除き , 背き去った 。
(trg)="s2.83"> ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن اﷲ تىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا ، ئاتا - ئانىغا ، خىش - ئەقرىبالارغا ، يېتىملەرگە ، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا ، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا ، ناماز ئۆتەشكە ، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق . ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار ، سىلەر ھەمىشە ( ئەھدەڭلاردىن ) يېنىۋالىسىلەر

(src)="s2.84"> またわれが , あなたがたと約束を結んだ時のことを思い起せ 。 「 あなたがたは仲間で血を流してはならない 。 またあなたがたの同胞を生れた土地から追い出してはならない 。 」 そこであなたがたは , これを厳粛に承認し , 自ら証言したのである 。
(trg)="s2.84"> ئۆز ۋاقتىدا بىر - بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە ، بىر - بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا ، سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق . كېيىن بۇنى ( يەنى ئەھدىنى ) ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار ، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھسىلەر

(src)="s2.85"> それにも拘らず , その後互いに殺し合ったのはあなたがたであり , また一部の者を生れた土地から追い出し , 罪と憎しみとをもって対立し ( 敵に ) 味方した 。 またかれらが捕虜となった時 , 身代金を取っている 。 かれらを追放したこと ( 自体 ) が , 違法であるのに 。 あなたがたは啓典の一部分を信じて , 一部分を拒否するのか 。 凡そあなたがたの中こんなことをする者の報いは , 現世における屈辱でなくてなんであろう 。 また審判の日には , 最も重い懲罰に処せられよう 。 アッラーはあなたがたの行うことを見逃されない 。
(trg)="s2.85"> كېيىن سىلەر ( ئەھدىنى بۇزۇپ ) بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار ، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار ، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار ، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە ، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر ، ھالبۇكى ، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى ( يەنى بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر ) . سىلەر كىتابنىڭ ( يەنى تەۋراتنىڭ ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر ؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش ، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر . اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر

(src)="s2.86"> これらの人びとは , 来世の代りに , 現世の生活を購った者である 。 結局かれらの懲罰は軽減されず , また助けも得られないであろう 。
(trg)="s2.86"> ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى بېرىپ ، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ

(src)="s2.87"> こうしてわれはムーサーに啓典を授け , 使徒たちにその後を継がせた , またわれはマルヤムの子イーサーに , 明証を授け , 更に聖霊でかれを強めた 。 それなのにあなたがた ( ユダヤ人たち ) は , 使徒が自分たちの心にそわないものを ( 西 ? ) す度に , 倣慢になった 。 ある者を虚言者呼ばわりし , またある者を殺害した 。
(trg)="s2.87"> شەك - شۈبھىسىزكى ، بىز مۇساغا كىتاب ( يەنى تەۋرات ) بەردۇق . ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق ، مەريەم ئوغلى ئىساغا مۆجىزىلەر بەردۇق ، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس ( يەنى جىبرىئىل ) بىلەن يۆلىدۇق . ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە ، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر ؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار ، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار

(src)="s2.88"> かれらは 「 わたしたちの心は覆われている 」 と言う 。 そうではない , アッラーはかれらをその冒 ( 濳 ? ) のために見限られたのである 。 したがって信仰に入る者は極く希である 。
(trg)="s2.88"> ئۇلار : « دىللىرىمىز پەردىلەنگەن » دېدى . ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى ، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز

(src)="s2.89"> ( 今 ) アッラーの御許から啓典 ( クルアーン ) が下されて , かれらが所持していたものを更に確認出来るようになったが , ― ― 以前から不信心の者に対し勝利を御授け下さいと願っていたにも拘らず ― ― 心に思っていたものが実際に下ると , かれらはその信仰を拒否する 。 アッラーの誕責は必ず不信心者の上に下るであろう 。
(trg)="s2.89"> ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب ( تەۋرات ) نى تەستىقلايدىغان كىتاب ( قۇرئان ) نازىل بولغان چاغدا ( ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى ) . ئىلگىرى ئۇلار ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى ، ئۇلار بىلىدىغان ( يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان ) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى . اﷲ كاپىرلارغا ( يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا ) لەنەت قىلدى

(src)="s2.90"> 災いは , かれらが自分の魂を売ったことにある 。 かれらがアッラーの下された啓典を信じないのは , アッラーがよいとされたしもベ ( ムハンマド ) に , 下された恩恵を嫉むためである 。 それでかれらは , かれの怒りの上に怒りを招いた 。 不信心者は恥ずべき懲罰を受けるであろう 。
(trg)="s2.90"> يەھۇدىيلارنىڭ اﷲ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى اﷲ نىڭ ئۆز پەزلىنى ( يەنى پەيغەمبەرلىكنى ) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر . ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ( يەنى ئىمانىنى ) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر . ئۇلار ئۈستى - ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى . كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

(src)="s2.91"> かれらに向かって , 「 あなたがたは , アッラーが下されたものを信じなさい 。 」 と言われると , かれらは , 「 わたしたち ( ユダヤ人 ) は , わたしたちに下されたものを信じる 。 」 と言う 。 それ以外のものは , 仮令かれらが所持するものを確証する真理でさえも信じない 。 言ってやるがいい 。 「 あなたがたがもし信者ならば , 何故以前アッラーの預言者たちを殺害したのか 。 」
(trg)="s2.91"> ئۇلارغا : « اﷲ نازىل قىلغان كىتابقا ( يەنى قۇرئانغا ) ئىمان كەلتۈرۈڭلار » دېيىلسە ، ئۇلار : « ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ( يەنى تەۋراتقا ) ئىمان كەلتۈرىمىز » دەيدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا ( يەنى قۇرئانغا ) ئىشەنمەيدۇ ، ھالبۇكى ، ئۇ ( يەنى قۇرئان ) ھەقتۇر ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلغۇچىدۇر . ( ئۇلارغا ) « سىلەر ( تەۋراتقا ) ئىشىنىدىغان بولساڭلار ، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار ؟ » دېگىن

(src)="s2.92"> 本当にムーサーは , 明証をもってあなたがたの許にやって来た 。 ところがあなたがたは , かれのいない時仔牛を神として拝み , 不義の徒となったのである 。
(trg)="s2.92"> مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى ، مۇسا ( تۇر تېغىغا كەتكەن ) دىن كېيىن ، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار

(src)="s2.93"> またわれが , あなたがたの上に ( シナイ ) 山を持ち上げて , 契約を結んだ時のことを思い起せ 。 「 われがあなたがたに下したものをしっかり受け取り , また ( われの律法を ) 聞きなさい 。 」 かれらは ( 答えて ) 「 わたしたちは聞く , だが従わない 。 」 と言った 。 この拒否のため , かれらは , 仔牛 ( に対する信仰 ) を心の中に飲み込んでしまった 。 言ってやるがいい 。 「 もしあなたがたに信仰があるのなら , あなたがたの信仰の命じることこそ憎むべきである 。 」
(trg)="s2.93"> ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن ( تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا ) چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق ، سىلەرگە : « مەن نازىل قىلغان كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ( بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى تاشلايمىز ) » دەپ تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق ۋە ( تەۋراتقا ) قۇلاق سېلىڭلار ( دېدۇق ) . ئۇلار : « سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇق ئەمرىڭگە ئاسىيلىق قىلدۇق » دېيىشتى . ئۇلارنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى . ئۇلارغا : « ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار ، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا ؟ ( سىلەر مۆمىن ئەمەس ، چۈنكى ئىمان موزايغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇمايدۇ ) » دېگىن