# cnh/BhT0XnBD94o6.xml.gz
# ug/BhT0XnBD94o6.xml.gz


(src)="1"> Upatmi nu le pa hna , TED ahhin thithruainak le cawlcanghnak thawkning tampi kan chim ve .
(src)="2"> Cuca 'h , cawlcanghnak thawkning hram in dongh tiang minute 3 chungah zoh u sih i , cu chungin cawnnak ilak hna u sih .
(src)="3"> Ahmasaah , nan hngalh bangin hruaitu nih intuarnak caah ralthatnak aherh .
(trg)="1"> تە ئولتۇرغان خانىملار ، ئەپەندىلەر TED ... ھە بىز كۆپ قېتىم لىدىرلىق ئىقتىدارى ۋە ھەركەتنى قانداق باشلاش ھەققىدە سۆزلىدۇق قېنى ئەمىسە ، 3 مىنۇت ئىچىدە بىر ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىش ، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش جەريانىنى كۆرۈپ باقايلى شۇنداقلا ئېرىشكەن ساۋاقلىرىمىزنى ئانالىز قىلىپ باقايلى ئاۋۋال ، سىلەرمۇ بىلىسىلەر ، بىر باشلامچى بولغۇچى ئۆزىدە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ، مەسخىرىدىن قورقمايدىغان شىجائەتنى ھازىرلىشى كېرەك ھالبۇكى ، ئۇنىڭ قىلىدىغىنى ئەگىشىش شۇنداق ئاددىي بىر ئىش شۇڭا ئۇنىڭ تۇنجى ئەگەشكۈچىسى مۇھىم رول ئوينايدۇ ئۇ باشقىلارغا قانداق ئەگىشىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ئەمدى ، دىققەت قىلىڭ ، باشلامچى تۇنجى ئەگەشكۈچىسىنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ شۇڭلاشقا ، ئەمدى كىمنىڭ باشلامچى بولۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس بۇ ئەمدى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىشى ، كۆپنىڭ ئىشى ئەمدى ، ئۇ دوستلىرىنىمۇ چاقىرىپ كېلىدۇ ناۋادا تۇنجى ئەگەشكۈچىگە دىققەت قىلساق ئەمەلىيەتتە ئۇ باشقۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن بىر تەرىپى مۇشۇنداق تۇرۇش ئۈچۈنمۇ جاسارەت كېتىدۇ تۇنجى ئەگەشكۈچى بولسا بىر يالغۇز غەلىتە ئادەمنى باشقۇرغۇچىغا ئۆزگەرتكەن كىشىدۇر ( كۈلكە ئاۋازى ) ( ئالقىش ساداسى ) ئەمدى ئىككىنچى ئەگەشكۈچىگە كېلەيلى ئۇ ئەمدى بىر يالغۇز غەلىتە كىشى ئەمەس ، ئىككى غەلىتىمۇ ئەمەس ئۈچ بولسا بىر توپ ئادەم ، بىر توپ ئادەم بولسا خەۋەر بولىدۇ شۇڭلاشقا ھەرىكەت چوقۇم ئاممىباب بولۇشى كېرەك بۇ نۇقتا بەكلا مۇھىم ، پەقەت باشلامچىنىلا ئەمەس ، بەلكى ئەگەشكۈچىنىمۇ كۆرسەتكىنى ئۈچۈن چۈنكى سىز يېڭى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ باشلامچىنى ئەمەس ئەگەشكۈچىنى تەقلىد قىلىۋاتقىنىنى بايقايسىز مانا ھازىر ، يەنە ئىككى كىشى پەيدا بولدى ، ئاندىن كېيىنلا ئۈچى پەيدا بولدى ئەمدى بىز بىشارەتكە ئىگە بولدۇق . بۇ دەل ئەڭ يۇقىرى پەللە ئەمدى بىز ھەرىكەتكە ئىگە بولدۇق شۇڭلاشقا ، قاراڭ ، قانچە كۆپ ئادەم قوشۇلسا خەتەر شۇنچە ئاز بولىدۇ شۇڭا ئەسلى ھېلىقى چەتتە قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئەمدى توپقا قوشۇلماسلىققا ھېچقانداق باھانىسى قالمايدۇ ناۋادا ئۇلار توپقا قوشۇلمىسىمۇ زاڭلىق قىلىنمايدۇ لېكىن ئۇلار بۇ توپقا قوشۇلۇپ ھەرىكەت قىلىشقا ئالدىرايدۇ ( كۈلكە ئاۋازى ) يەنە بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن سىز ھەممەيلەننىڭ بۇ توپقا قوشۇلۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى بايقايسىز چۈنكى ، ئەگەر ئۇلار بۇ توپقا قاتنىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى خالىمىسا ئەكسىچە ، مازاققا قالىدۇ ھەرىكەت دەل مۇشۇنداق شەكىللىنىدۇ ئۇنداقتا ، بىز يىغىنچاقلاپ باقايلى ئاۋۋال ، ئەگەر سىز شۇنداق بىر تىپتىكى ئادەم بولسىڭىز يەنى كۆڭلەك كىيمەي ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بالىغا ئوخشاش بولسىڭىز شۇنىڭ مۇھىملىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ سىزنىڭ تۇنجى ئاز ساندىكى ئەگەشكۈچىلىرىڭىز باراۋەر شۇڭا ئۇ ئېنىقلا ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ، سىز بىلەن ئەمەس ياخشى ، لېكىن بىز بەلكىم بۇ يەردىكى ھەقىقىي ئۆگىنىۋالىدىغان نەرسىگە سەل قارىشىمىز مۇمكىن ئەگەر سىز دىققەت قىلغان بولسىڭىز ، ئەڭ چوڭ ساۋاق شۇكى سىز بايقىدىڭىزمۇ ؟ -- ( ئەڭ چوڭ ساۋاق شۇكى ) باشلامچىلىق ھەددىدىن زىيادە چوڭايتىۋېتىلگەن توغرا ، كۆڭلەكسىز بالا ئىشنى باشلىغۇچى ئۇ بارلىق دىققەت- ئېتىبار ۋە ماختاشقا ئېرىشىدۇ لېكىن دەل تۇنجى ئەگەشكۈچى ئاندىن بىر تەنھا غەلىتە ئادەمنى باشلامچىغا ئايلاندۇردى شۇڭلاشقا ، بىز ھەممىمىز باشلامچىغا ئايلىنىشىمىز كېرەك دېيىلسە بۇ ھەقىقەتەتەنمۇ ئاقمايدىغان گەپ بولىدۇ ناۋادا سىز بىر ھەرىكەتنى باشلاشقا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسىڭىز سىزنىڭ ئەگەشكۈدەك شۇنداقلا باشقىلارنى ئەگەشتۈرگۈدەك جۈرئىتىڭىز بولۇشى كېرەك يالغۇز غەلىتە ئادەمنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغىنىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا سىزدە ئۇنىڭ بىر ئەگەشكۈچىسى بولۇپ ئۇنى قوللىغۇدەك ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغۇدەك جاسارەت بولۇشى كېرەك مۇ دەل بۇ نۇقتىنى قالتىس ئورۇندىيالايدىغان سورۇن TED رەھمەت ( ئالقىش ساداسى )